ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بەدەندىكى تومۇزلاردا يۈرەكنىڭ پائالىيىتى بىلەن ئېقىپ تۇرىدىغان، ئورۇقلۇق ۋە گورموننى بەدەندىكى ھەرقايسى توقۇلمىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ۋە ماددا ئالمىشىشىنى تەمىن ئېتىدىغان قىزىل رەڭلىك سۇ يۇقلۇق، خۇن.
قان تۇمۇر. *قان دانچىلىرى، قانلىق، قانىسز، قان ئازلىق، قان قويۇقلۇق. * قان قېتىشىش. * قان بېسىم. * قانغا قان جانغا جان ئالىماق. * قان چىقتى، جان چىقتى (ماقال) . * قاننى قان بىلەن يۇغىلى بولماس (ماقال) . ئاغزىڭ قان بىلەن تولسىمۇ، دۈشمەن ئالدىدا تۈكۈرمە. * ئۇنىڭ بۇرنىدىن توختىماي قان ئېقىپ تۇراتتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قانماق، قېنىش. تويماق، قانائەتلەنمەك.
ئۇسسۇزلۇققا قانماق. * ئۇيقۇغا قانماق. * «شارابقا قاندىم» دېگۈچە، «چاتاققا قالدىم» دېسەڭچۇ (ماقال) . * كېۋەزلىكنى تازا قانغۇچە سۇغاردىم.
دائىرە: چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرىقان:
مەشىشاتى ھۇسنۇڭ كۆزگۈسىن سەيقەل قىلۇر كافۇر ئىلە،
مەن خۇد ئۆلەرمەن رەشكدىن قانىم ھىنا بولسە نېتاڭ.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قان: قان ياش - ئاچچىق يىغا؛ قانىغا كىرمەك - قان تۆكۈشكە كىرىشمەك؛ قانى تولغان - ئەجىلى يەتكەن؛ قان تۇتماق - قان قىساسىنى ئالماق، قان تارتماق - قاتتىق ئازاپلانماق؛ قان قىلماق - قانغا بۇلىماق، ئۆلتۈرمەك؛ ئاغرىق كىشىنى مال ئۆلتۈرۈپ، مالنىڭ تېرىسىگە ئالماق؛ قانى قۇرۇماق - قېنى قاچماق، ئۆلۈم ھالىغا چۈشمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانات بەدىنى ئىچىدىكى قىزىل سۇيۇقلۇق.
قانخۇر. قان ئىچەر. قاننى قان بىلەن يۇغىلى بولماس. ئاغزى - بۇرنىنى قان قىلماق. خۇن تۆلەتمەك. ئۇنى يوقنىڭ خۇنى يوق.
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىقان.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قانىغ قان بىرلە يۇماس _ قاننى قان بىلەن يۇغىلى بولماس. بۇ توپىلاڭ سۈلھ بىلەنلا تىنچتىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر.
3 - 215
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<ئانات> ئادەم ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار تېنىنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسىدىكى سۇيۇق توقۇلما. توق قىزىل ياكى قارىغا مايىل قىزىل رەڭدە بولىدۇ، سېسىق پۇراققا ئىگە. قان پلازمىسى، قان دانىچىسى ۋە قان پلاستنكىسىدىن تۈزۈلىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئوزۇقلۇق ۋە گورمۇنلارنى بەدەندىكى ھەر قايسى توقۇلمىلارغا توشۇش، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىش ئورگىنىغا يەتكۈزۈش، بەدەن تېمپېراتورىسىنى تەڭشەش ۋە ۋىرۇسلارنى توشۇش روللىرىنى ئوينايدۇ.
كۆچمە. جان.
قانغا قان ئالماق.
دائىرە: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىقىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
خان
دائىرە: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى