Uyghurئاساسىي لۇغەت
قانات سۆرىمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شەھۋانىي نىيەتتە قىلىنىدىغان ئىشارەت. كۆپىنچە ئەرلەر تەرىپىدىن بولىدۇ.
ئۇخلىغان ئىتقا تاش ئاتما، تونۇشمىغان قىزغا قاش. سەن ئالامسەن بۇ جاننى، يان - يانىڭغا كۆز تاشلاپ. كۆز قىسقاننىڭ كۆزى چىقسۇن ئىلاھىم! بىر قىلىقسىز كىشى بىر گۈزەل ئايالغا ساقال تاشلاپ:
- خانىم، پايپىقىڭىز چىرايلىق ئىكەن، قەيەردىن ئالدىڭىز؟ - خوتۇنمىغا ئېلىپ بېرەي دېۋىدىم، - دەپتۇ. ئايال:
- ئېلىپ بەرمەڭ، قىلىقسىز ئەر قانات سۆرەپ يۈرمىسۇن!- دەپتۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئىشق ياكى شەھۋنىي نىيەتتە خوتۇن - قىزلارنىڭ كەينىدە يۈرمەك، ئىچ - پەش تارتىپ قالماق: قاسىم خېلىدىن بېرى زەپتۇنەمگە قانات سۆرەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىرەر مۇۋاپىق ئالاقە يولىنى تاپالمىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
چىشىسىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرمەك، چىشىسى بىلەن بىللە بولۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماق (توخۇ، كەپتەر قاتارلىقلار ھەققىدە).
خوراز مېكىيانغا قانات سۆرىدى.
كۆچمە. ئىشقىي ياكى شەھۋانىي نىيەتتە خوتۇن - قىزلارنىڭ كەينىدە يۈرمەك، ئىچ پەش تارتىپ قالماق.
قاسىم خېلىدىن بېرى زەيتۇنەمگە قانات سۆرەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىرەر مۇۋاپىق ئالاقە يولىنى تاپالماي يۈرەتتى.