Uyghurئاساسىي لۇغەت
قامادى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاماشتى؛ قامىدى.
كۆز قامادى _ (كۈننىڭ نۇرىدىن) كۆز قاماشتى ( قامار _ قاماماق). ئانىڭ تىشى قامادى _ ئۇنىڭ چىشى قامىدى، يەنى ئاچچىق بىر نەرسە يېگەنلىكتىن ئۇنىڭ چىشى قامىدى. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئاتاسى ئاناسى ئاچىغ ئالمىلا يېسە ئوغلى قىزى تىشى قامار _ ئاتا - ئانىسى ئاچچىق ئالما يېسە، ئوغۇل - قىزىنىڭ چىشى قامار. بۇ ماقال ئاتا - ئانىنىڭ ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ئۈچۈن، بالىلىرىنىڭ تۇتۇلۇشى ۋە سوراققا تارتىلىشىغا ئىشارەت قىلىپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 371