Uyghurئاساسىي لۇغەت
قاما
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ۋە ئۇنىڭ تېرىسى. قامىنىڭ بېشى كەڭ، ياپلاق، قۇيرۇقى ئۇزۇن، پۇتلىرى كالتەك كېلىدۇ، يۇڭى قويۇق ۋە يۇمشاق بولۇپ، رەڭگى سۇر. دەريا بويىدا ئىن ياساپ ياشايدۇ، كېچىسى چىقىپ ئۇزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. سۇ ئۈزۈشكە ئۇستا، بېلىق، پاقا ۋە سۇ قۇشلىرىنى تۇتۇپ يەيدۇ. تېرىسىدىن ياقا، قۇلاقچان ياسىلىدۇ:
قاماق تۇماق. * قاما ياقىلىق جۇۋا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قامىماق، قاماش. سولىماق، قولغا ئالماق.
ئۇلار ئوغلۇمنى 15 كۈن قامىدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قامىماق، قاماش. غورا ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەرنى يېگەندە چىش قامىماق.
غورىنى كۆپ يەپ، چىشىم قاماپ كەتتى. * ئانىسى غورا يېسە، قىزىنىڭ چىشى قاماپتۇ (ماقال) .
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىرىسى ئېسىل ھايۋانلار. بۇ يەردە شۇنداق ھايۋانلارنىڭ تېرىسى دېيىلىۋاتىدۇ، تۇماق - قۇلاقچا تىكىلىدۇ، قىشلىق پەلتوغ ياقا قىلىنىدۇ.
قاما ياقىلىق پەلتو كىيگەن خېنىم ئۆتۈپ كەتتى. قۇندۇز تۇمىقىم بار ئىدى، يوقالغىنى خوپ بولدى، بېشىمغىمۇ تار ئىدى. توكۇر ئاتقا تۆمۈر تاقا، ئەسكى چاپانغا سۆسەر ياقا. كەمچەت تۇماق كىيگەن يىگىت خۇدىنى يوقىتىپ قويۇپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. بېشى كەڭ ھەم ياپىلاق، قۇيرۇقى ئۇزۇن، تۆت پۇتى قىسقا كېلىدۇ. بارماقلىرى ئارىسىدا ئۈزۈش پەردىسى بولىدۇ. تۈكلىرىنىڭ رەڭگى قوڭۇر بولۇپ، زىچ، يۇمشاق ۋە پارقىراق كېلىدۇ. تېرىسى ئەتىۋارلىق. ئۇنىڭدىن كىيىم ياقىسى ۋە باش كىيىملىرىنى تىكىشكە بولىدۇ.
شۇ خىل ھايۋاننىڭ تېرىسى.