Uyghurئاساسىي لۇغەت
پېترىئې
دۇنيا تارىخى
(1853 - 1948) ئەنگىلىيە ئارخېئولوگى. ياش ۋاقتىدا ئەنگىلىيەدە <ھالقىسىمان تاشلار> نى تەتقىق قىلغان. 1881 - يىلدىن باشلاپ، مىسىردا بىرقاتار ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئېلىپ بېرىپ، ئاساسلىقى ناچادا دىن ئالدىنقى خاندانلىق دەۋرىگە ئائىت قەبرىلەرنى، ئابىدوستىن بىرىنچى، ئىككىنچى خاندانلىق دەۋرىگە ئائىت پادىشاھ قەبرىلىرىنى قېزىپ چىقىپ، دەسلەپكى خاندانلىق دەۋرىگە ئالاقىدار ھەرخىل مەدەنىيەت قاتلاملىرىنىڭ قىياپىتىنى ئېنىقلاپ بەرگەن. <مىسىر - ئەنگىلىيە ئارخېئولوگىيە ئىنستىتۇتى> نى قۇرۇپ چىققان. مىسرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا پەلەستىن رايونىدا ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىقات قىلىش ئېلىپ بارغان.
<مىسىر تارىخى>، <ئارخېئولوگىيىلىك ئۇسۇل ۋە مەقسەت>، <مەدەنىيەتلىك ئىنقىلاب> ۋە ھەر قېتىملىق قېزىلمىلار ھەققىدىكى دوكلاتلىرى قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.