Uyghurئاساسىي لۇغەت
پېترارك
دۇنيا تارىخى
(1304 - 1374) ئىتالىيەنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى گۇمانىزمچىسى شائىرى. ئارېززو شەھىرى (فىلورېنسىيە جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە) دىكى بىر گۇۋاھچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1302 - يىلى دادىسى دانتې بىلەن بىرلىكتە فىلورېنسىيە پارتىيە ماجىراسىغا قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئائىلىسى بويىچە سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن پېتېرارك فرانسىيىنىڭ مونتپېللېر ۋە ئىتالىيىنىڭ بولوگنا دېگەن شەھىرىدە قانۇنچىلىقنى ئۆگەنگەن. 1326 - يىلى كاتولىك دىنىنىڭ مىسسىئونېرى بولغان، 1332 - 1333 - يىللىرى ياۋرۇپانى ساياھەت قىلغان. بۇ جەرياندا قەدىمكى يۇنان ۋە رىمغا دائىر ئەسەرلەرنى توپلاپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن ئىلاھنى ئەمەس بەلكى ئىنساننى مەركەز قىلغان بىر خىل دۇنيا قاراشنى تېپىپ چىقىپ، بىرىنچى بولۇپ <ئىنسانشۇناسلىق> بىلەن ئىلاھىيەتنىڭ قارىمۇ قارشىلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <توسكانا> (ئىتالىيان تىلىدا) شۋېتسىيىدە دوستى لورانغا بولغان يالقۇنلۇق مۇھەببىتى ھەمدە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى يۈكسەك ئارزۇ - ئارمىنى ئىپادىلەنگەن؛ لاتىن يېزىقىدا يېزىلغان <ئافرىقا> دېگەن مەشھۇر داستانىدا 2 - قېتىملىق پۇنى ئۇرۇشى مەزگىلىدە رىم قوماندانى سىسپىئو كارفاگېننىڭ مەشھۇر قوماندانى گاننىبالنى يەڭگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا <تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر> نى يېزىپ، رىم ۋاتىكانىنىڭ ئەيش - ئىشرەت ۋە كەيپ - ساپالىق تۇرمۇشىنى قاتتىق سۆككەن. پېتېراركئون تۆت مىسرالىق لىرىك شېئىرلىرىنى يېزىشقا ماھىر بولۇپ، شائىرلىق تاجىنى كىيىشتەكشۆھرەتكە ئېرىشكەن.