Uyghurئاساسىي لۇغەت
پېتىئون
دۇنيا تارىخى
(1756 - 1794) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى سىياسىي ئەرباب. تەپتىش ئەمەلدارى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.چارتردا ئادۇۋكات بولغان. 1789 - يىلى ئۈچىنچى تەبىقە ۋەكىلى بولۇپ ئۈچ تەبىقە يىغىنىغا قاتناشقان. كېيىن ياكوبىن كۇلۇبىغا قاتنىشىپ، گىروندىچى بولۇپ، جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى ۋە دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1791 - يىلى 6 - ئايدا پادىشاھ ۋارېنغاقېچىپ كېتىپ تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، پارلامېنتنىڭ تەيىنلىشى بىلەن بارناۋ قاتارلىقلار بىلەن تەكشۈرۈشكە بارغان ھەمدە كورۇلنى سوت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 11 - ئايدا پارىژنىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغان. 1792- يىلى 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ھەرقايسى رايونلارغا ۋەكالىتەن قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىغا پادىشاھنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 9 - ئاينىڭ 20- كۈنى مىللىي ئۇيۇشمىنىڭ تۇنجى باشلىقى بولغان. كورۇلغا ھۆكۈم چىقىرىشنى ئاۋازغا قويغاندا، ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈشنى قوللىغان. تاغلىقلارغا قارشى تۇرغانلىقتىن، 9317 - يىلى 6 - ئايدا باشقا گىروندىچىلار بىلەن بىرلىكتە مىللىي ئۇيۇشمىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. كېيىن توپىلاڭ كۆتۈرمەكچى بولۇپ ئىشقا ئاشۇرالماي، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان. ئۇنىڭ <ئەسلىمە> سى بار.
دۇنيا تارىخى
(1770 - 1818) ھايتى زۇڭتۇڭى (1807 - 1818). موراتولاردىن. 1798 -يىلى ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنى ھايتىدىن قوغلاپ چىقىرىش جېڭىگە قاتناشقان، ئىككىنچى يىلى نۇسسېن لوۋېرتيۇرغا قارشى پائالىيەتكە قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن چەت ئەلگەقېچىپ كەتكەن. 1802 - يىلى فرانسىيە ئارمىيسى بىلەن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن، كېيىن قايتىدىن ھايتى جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوزغىلاڭچى قوشۇنىغا قاتناشقان. 1807 - يىلى ھايتى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان. 1811-يىلى يەنە بىر قېتىم سايلانغان. 1816-يىلى ئۆمۈرۋايەتلىك زۇڭتۇڭ بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە، فرانسىيىنىڭ چوڭ ئېكىنزارلىقلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، يەرلەرنى دېھقانلارغا بۆلۈپ بەرگەن. 1816-يىلى قاچقۇن بولىۋارنى كۈتۈۋالغان ھەمدە ئۇنىڭغا ۋېسۇئېلادىكى نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش شەرتى بىلەن ھەربىي ياردەم بېرىپ، ئىسپانىيىگە قاراشلىق جەنۇبىي ئامېرىكا مۇستەملىكلىرىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان.