Uyghurئاساسىي لۇغەت
پىرئەۋن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان شەخس. مىسىرنىڭ پادىشاھى. تەپسىردە «زالىم پادىشاھ» دېيىلىدۇ. پىرئەۋن ئۆزىنى «بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن» دېدى (79- سۈرىنىڭ 24 - ئايىتىدىن).
بەنى ئىسرائىلنىڭ ھەممە ئوغۇل بوۋاقلىرىنى قىرىۋېتىشنى بۇيرۇدى. كېيىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللانىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. سېھىرگەر - جادۇگەرلەرنى مۇسا ئەلەيھىسالام بىلەن ئېلىشىشقا چاقىردى. پىر ئەۋن ۋەزىرى ھامانغا مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئېگىز بىنا سېلىشنى بۇيرۇدى (40 - سۈرىنىڭ 37 - ئايىتىگە قاراڭ). مۇسا ئەلەيھىسسالام ئادەملىرىنى باشلاپ مىسىردىن كېتىدىغان چاغدا، پىرئەۋن قوشۇن باشلاپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ بەنى ئىسرائىلغا زەربە بەرمەكچى بولۇۋېدى. سۇغا غەرق بولدى. «... كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن ...» (10 - سۈرىنىڭ 91- ئايىتىدىن) ئۇنىڭ جەسىتى سۇدىن چىقىرىپ قويۇلدى. «قۇرئان كەرىم» دە ئېيتىلىشىچە، قىيامەت كۈنى پىر ئەۋن باش گۇناھكار بولۇپ، ئەمەلدار - پۇقرالىرى بىلەن دوزاخقا چۈشىدۇ. مەڭگۈ لەنەتكە قالىدۇ.