Uyghurئاساسىي لۇغەت
پىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قېرى، ياشانغان، پېشقەدەم:
بىرەر دىنىي، روھانىي گۇرۇھنىڭ باشلىقى؛ ئىشان، شەيخ، سوپىلار باشلىقى:
بىرەر كەسىپنى ياخشى ئىگىلىگەن كىشى، ئۇستاز، ئاقساقال:
1. كۆرەرلەر بىرنى ئىككى پىرى گۇمراھ،
شەياتىن سەپلەرگە زەردىۋال شەيخ.
ئا. نىزارى.
2. بېرۇر ئېردى تەئلىم ئاڭا ئاندا پىر،
ئۆزى پاك دامەن مۇئەللىم دەبىر.
ئا. نىزارى.
3. ئاتام باردۇر مۇندا بىر ماھىگىر،
فەقىر كارىدىن بىخەبەردۇر بۇ پىر.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر كەسىپنىڭ ئاساسچىسى ۋە ماھىر ئۇستىسى.
پىرىگە بېقىپ مۇرىت، ساقالغا بېقىپ بۇرۇت. ئۇستازىڭ _ ئىككىنچى ئاتاڭ. كونىسىنى تەكرارلاش بىلەن يېڭىسىنى ئۆزلەشتۈرەلىگە ئادەم ئۇستاز بولالايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
دىنىي چۈشەنچە بويىچە، كامالەتكە يەتكەن ۋە كارامەت كۆرسىتىدىغان كىشى.
مۇخلىس، مۇرىت
پىر - ئەۋلىيالارغا ئىشەنگەن، قول بەرگەن كىشى.
تەسۋى تارتقاننىڭ ھەممىسى ئەۋلىيا ئەمەس. مۇخلىس بولمىسا، ئەۋلىيامۇ بولماس ئىدى. پىرىگە قاراپ مۇرىتى، ساقالغا قاراپ بۇرۇتى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ پارسچە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى «ئاقساقال» دېگەنلىك بولىدۇ. تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ بەزى پىرقىلىرىدىكى دىنىي ئۇستازلار شۇ نام بىلەن ئاتىلدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن ئادەم، قېرى كىشى.
مەن چۈشۈمدە پىردەك چاچ - ساقىلى ئاقارغان بىر كىشىنى كۆرۈپتىمەن.
<دىن> تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ يېتەكچىسى، رەھبىرى.
ئابدۇرىشىتخان: - ھەزرىتى پىرىمنىڭ خەيىرخاھلىقىغا تەشەككۈر - دېدى.
بىرەر كەسىپنىڭ ئاساسچىسى ۋە ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى دەپ قارىلىدىغان كىشى.
ياغاچچىنىڭ پىرى.
كۆچمە. بىرەر ئىش، كەسىپ ياكى ساھەنى ياخشى ئىگىلىگەن كىشى، شۇ ساھەدە ئەڭ ماھىر، ئۇستا ئادەم؛ ئۇستاز.
- ئوينىماي ئولتۇرسام بىلمەمدىكىن دېمەڭ، تانسا دېگەننىڭ پىرى بىز! - دېدى نامەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
پىرقىرىغۇچ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئايلىنىشىدىن ۋە قۇشقاچ قاتارلىق كىچىك قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىدىن چىقىدىغان ئاۋاز.
سۇ قوشتىن ئىتتىك ئېقىپ چۈشۈشى بىلەن تەڭ تۈگمەننىڭ چاقپەلىكى <پىر> قىلىپ ئايلاندى.