Uyghurئاساسىي لۇغەت
پرۇسسىيەئاۋسترىيە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
يەتتە ھەپتىلىك ئۇرۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تالىشپ ئېلىپ بارغان سۇلالە ئۇرۇشى. پرۇسسىيە دانىيە ئۇرۇشنىڭ قېپقالغان مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تالاش - تارتىشلاردىن پايدىلىنىپ، 1866-يىلى 6 - ئاينىڭ 7-كۈنى <گاستېيىن شەرتنامىسى> نى بۇزۇپ، پرۇسسىيە بىلەن ئاۋستىرىيە شلېسۋىگ - ھولىستېيىن ئىككى كىنەزلىكنى ئورتاق ئىشغال قىلىشقا ھوقۇقلۇق دېگەننى باھانە قىلىپ، ئارمىيىسىنى ئاۋسترىيىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ھولىستېيىنغا كىرگۈزگەن. ئاۋسترىيىمۇ شلېسۋىگكە ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان ھەمدە فرانسىيىنى ئۆزىگە تارتىپ، گېرمانىيىدىكى بەگلىكلەرنى پرۇسسىيىگە قارشى تۇرۇشقا قۇتراتقان. باۋارىيە، ھاننوۋېر، ساكسونىيە، ۋيرتېمبېرگ، ھېسسېن قاتارلىق بەگلىكلەر ئاۋسترىيىنى قوللىغان. ئىتالىيە پرۇسسىيە تەرەپكە قوشۇلغان. ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەنلا ئىتالىيە ئارمىيىسى مەغلۇپ بولۇپ، پرۇسسىيە ئارمىيىسىنى پايدىسىز ۋەزىيەتكە چۈشۈرۈپ قويغان. 7-ئاينىڭ 3-كۈنى پرۇسسىيە ئارمىيىسى سادوۋا جېڭىدە ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە ۋېناغا قىستاپ بارغان. فرانسىيىنىڭ كېلىشتۈرۈشى نەتىجىسىدە، 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەن. ئۇرۇش ئىلگىرى ـ ئاخىر بولۇپ پەقەت يەتتە ھەپتىلا داۋاملاشقان، 8-ئاينىڭ 23-كۈنى <پراگا شەرتنامىسى> ئىمزالىنىپ، پرۇسسىيە شلېسۋىگ - ھورلىستېيىن ۋە ھاننوۋېر قاتارلىق جايلارغا ئىگە بولغان، ئاۋسترىيە گېرمان ئىتتىپاقىدىن قايتىپ چىققان. ئىككىنچى يىلى ئاۋسترىيە گېرمان ئىتتىپاقىدىن قايتىپ چىققان. ئىككىنچى يىلى پرۇسسىيە باشچىلىقىدىكى شىمالىي گېرمانىيە ئىتتىپاقى قۇرۇلۇپ، پرۇسسىيە گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندىغان.