Uyghurئاساسىي لۇغەت
پروۋېنكىيە
دۇنيا تارىخى
فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدىكى قەدىمكى رايون نامى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە ماسسالىيە شەھىرى قۇرۇلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅱ ئەسىردە رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، گاللىيە ناربوننې مەمۇرىي ئۆلكىسى قۇرۇلغان. قىسقارتىلىپ مەمۇرىي ئۆلكە دەپ ئاتالغان (لاتىنچە Provincia <بروۋىنكىيە> دېگەن نام مانا مۇشۇنىڭدىن كەلگەن). مىلادى 538-يىلى فرانكو پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان. چارلېس ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، 843- يىلى ئىمزالانغان <ۋېردىن شەرتنامىسى> غا ئاساسەن لوتائىرې Ⅰ گە بۆلۈپ بېرىلگەن. مىلادىن 879-يىلى تۆۋەنكى بۇرگۇندى پاشىاھلىقى قۇرۇلغان. پروۋېكىيە پاشىاھلىقى دەپمۇ ئاتالغان. مىلادى 933-يىلى ئار پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان، بۇرگۇندىيە پادىشاھلىقى دەپمۇ ئاتالغان. 1113-يىلى بارسېلونا گرافا تەۋە بولغان. 1264-يىلى ئانژۇ خاندانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1481-يىلى فرانسىيىگە قوشۇۋېتىلگەن.