Uyghurئاساسىي لۇغەت
پرونىيە تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
پرونىيە گرېكچە سۆز بولۇپ، <ھامىيلىق قىلىش>، <خەۋەر ئېلىش> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىدە يولغا قويۇلغان بىر خىل يەر تەقدىم قىلىش تۈزۈمى. غەربىي ياۋروپانىڭ سۇيۇرغال تۈزۈمىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. Ⅺ ئەسىردىكى ماكېدونىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە باشلانغان. بۇ تۈزۈمدە دۆلەت ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ياكى دۆلەت خىزمەيتچىسى بولۇشنى شەرت قىلىپ، يەرن (ئۇنىڭ ئىچىدە تولىسى يېزا كوممۇنىسنىڭ يېرى) فېئوداللارغا ھەدىيە قىلغان، ئەمما مىراس قالدۇرۇشقا رۇخسەت قىلمىغان. ھەدىيە ئالغۇچى شۇ يەردىكى دېھقانلاردىن يەر ئىجارىسىنى تەڭشەش بېجى ۋە ئالۋان ئالغان ھەمدە ئەدلىيە ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي تەۋەلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان. بۇ تۈزۈم ۋىزانتىيە يېزا كوممۇنىلىرىنىڭ پارچىلىنىشىنى ۋە ئەركىن دېھقانلارنىڭ يانچىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.