Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەلەستىنلەر
دۇنيا تارىخى
ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى قەدىمكى ئاھالە.ئەڭ ئاۋۋال مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅢⅩ ئەسىردىكى مىسىرنىڭ ھۆججەتلىرىدە كۆرۈلۈپ، <دېڭىزدىكى مىللەت> دەپ ئاتالغان. ئۇلار بەلكىم كرىت ئارىلى ياكى كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىن دېڭىز ئارقىلىق كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 13 - 12 ئەسىرلەردە پەلەستىننى دېڭىز بويىدىكى رايونلىرىغا بېسىپ كىرىپ، گازا، ئاشدود قاتارلىق كىچىك شەھەرلەرنى قۇرغان؛ گرېكچە <پەلەستىن> دېگەن سۆز <پەلەستىنلەرنىڭ يېرى> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ ئەسىردىن كېيىن پەلەستىنلەر ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىي قەبىلىلىرى بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارغا قاتتىق زەربە بەرگەن. ئىسرائىلىيە پادىشاھى سائۇل مەغلۇپ بولۇپ ئۆلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹئەسىرنىڭ بېشىدا، يەھۇدىي پادىشاھى داۋىد پەلەستىنلەرنى ئاخىر مەغلۇپ قىلغان.