Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەلكۈچلىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
پەلكۈچ ياسىماق.
ئۇ ئەتىسى ئەتىگەندە ئازراق پاختىنى ياغاچقا پەلكۈچلەپ، پەلكۈچنى ئوسمىغا مىلەپ، ئانىسىغا كېلىشتۈرۈپ پەرداز قىلىپتۇ.
چىراغ پىلىكىنى چىقارماق، پەرلىمەك.
چىراغنى پەلكۈچلىمەك.
پەلكۈچ بىلەن ماي، بوياق قاتارلىقلارنى سۈرمەك.
ئۇكام مۇنۇ ماينى پۇتۇڭغا پەلكۈچلەپ قوياي، شىپاتاپسىمۇ ئەجەب ئەمەس.