Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەلىپەتتىشلىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پەلىپەتىش ئىش، پەلىپەتىش ھەرىكەت.
پەلىپەتىشلىك قىلماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەقىل، ئىدراك، پاراسەت.
پەم بىلەن ئىش قىلماق.
ھەر ئىشقا پەم كېرەك، ئۆتۈككە چەم كېرەك (ماقال).
كىشىلەر بىرەر ئىشنى بېجىرىشتە قوللىنىلغان ئەپ؛ چارە، ئامال، تەدبىر.
پەم ئىشلەتمەك. پەمى بار. پەمى يوق.
كىشىلەرنىڭ بىرەر ئىشقا نىسبەتەن قىلغان ئوي، قىياسى. مۆلچەرى.
- ئاكا، سېنىڭ پەمىڭچە، مۇشۇ كارخانىنى كۆتۈرە ئالساق، كېيىن <ئىسىت> دەپ قالماسمىزمۇ؟ - دېدى ئابدۇغېنى.
دىققەت، ئېھتىيات.
ئالماس مەشرەپنىڭ قولىدىن تۇتۇپ پەم بىلەن ھويلىغا كىردى.