Uyghurئاساسىي لۇغەت
پات
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يىپ ۋە رەختنى قاتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان كراخمال سۇيۇقلۇق.
پات بەرمەك. * پېتى بار رەخت.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
تېز، چاپسان، ئىلدام.
پات بېرىپ، پات كەل.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
پاتماق، پېتىش. 1 . سىغماق، لايىق كەلمەك.
ماڭا 40 - ئاياغ پاتىدۇ. * خەلق سارىيىغا ئۈچ مىڭ ئادەم پاتىدۇ. * بۇ ئۆيگە يەنە بىر كارىۋات پاتىدۇ. * تاغقا پاتمىغان ئۆچكە قازانغا پاتماس (ماقال). * بۇغداي پاتمىغان ئاغزىمغا، موزايبېشى بوش كەلدى (ماقال).
2 . چۆكمەك، مىلەنمەك. ماشىنا لايغا پېتىپ قالدى. * پاراخوت سۇغا پېتىپ قالدى. * ھاي، قۇلۇڭ مۇرابباغا پاتتى.
3 . سانجىلماق. تاش پۇتۇمغا پاتتى. * ئۇنىڭ گېپى جېنىمغا پاتتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
تەقلىد سۆز.
ماشىنىنىڭ سىگنال بەرگەندە، كانىيىدىن چىققان ئاۋاز.
كېتىپ بارساق، ماشىنىدىن «پات» قىلغان ئاۋاز چىقتى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرى سۈرئەت.
ئىشى تېزنىڭ ئېشى تېز. تېز قارار قىلغان تېز توۋا قىلار. پات بېرىپ، پات كەل. چاپسانغا بار، لايىپاسقا يوق. ئاسان كەلگەن چاپسان كېتەر. بەك ئىتتىك پالتا پات گاللىشار. گىجىڭ ئۈستىدىن ئىلدام گاداي ياخشى. ھاياسىز ئىشلاردىن ئۆزۈڭنى تارتقىن، خەيرلىك ئىش بولسا، ئىلدامراق چاپقىن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
پات، چاپسان.
پات كەل _ پات كەل. شاپ كەل دەپمۇ ئېيتىلىدۇ. ئېغىر بىر نەرسە يەرگە «پاق» چۈشسە، ئۇمۇ « پات تۈشدى» دېيىلىدۇ.
1 - 419
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. يىپ ۋە رەختلەرنى قاتۇرۇپ چىداشلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇق ئۇماچ، شىلىمسىمان ياكى كراخمال سۇيۇقلۇق.
پات بەرمەك.
ئى. كۆچمە. پات بېرىلگەن ھالەت. تۇرق؛ ئەسل، ئەينى.
پېتىدىن چۈشمەك. ئۆز پېتى. شۇ پېتى.
باغل. بەزى سۈپەتداشلاردىن كېيىن ئۈچىنچى شەخس فورمىسىدا كېلىش ئىش - ھەرىكەتنىڭ مەلۇم بىر ھالىتىدە يەنە بىر ھەرىكەت ئورۇنلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ياسىن كەتمەننى كۆتۈرگەن پېتى ئۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، تېز، چاپسان.
پات كەلمەك، پات كەتمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
(شاھماتتا) قارىمۇقارشى ئىككى تەرەپنىڭ كۈچى ئاساسەن ئوخشاش كېلىپ قېلىپ، شۇ قېتىمقى ئويۇننىڭ غەلبىسىز تاماملانغانلىقىنى ھېسابلشنىڭ بىر تۈرى.
ئويۇن پات بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
ئاپتوموبىلنىڭ سىگنال كانايلىرى قاتارلىقلاردىن چىققان ئاۋاز.
يىراقتىن بولكىۋاينىڭ پات قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى.