Uyghurئاساسىي لۇغەت
پاپىرۇسشۇناسلىق
دۇنيا تارىخى
پاپىرۇسقا يېزىلغان قەدىمكى ھۆججەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. پاپىرۇس قەدىمكى مىسىردىكى بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىردەك كېلىدۇ. قەدىمكى مىسىرلىقلار پاپىرۇسنىڭ غولىنى تىلىپ پارچىلاپ تارشا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى خەت يېزىش ماتېرىيالى قىلىپ ئىشلەتكەن. بەزىلىرىنىڭ بىر پارچىسى بىر بەت قىلىنغان، بەزىلىرىنىڭ بىر قانچە پارچىسىنى چاپلاپ ئۇزۇن بەت قىلىپ، ياغاچ دەستىگە يۆگەپ قەغەز قىلنغان. پاپىرۇس قەغەزگە يېزىلغان ھۆججەتلەر <پاپىرۇس كىتاب> دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ مىسىر (ئاساسلىقى يۇقىرى مىسىر) دىن كۆپ تېپىلغان. مەسىلەن <ئاساسلىقى يۇقىرى مىسىر( دىن كۆپ تېپىلغان. مەسىلەن >ئىپوئورنىڭ پەند - نەسىھەتلىرى< )ھازىر گوللاندىيىنىڭ لېيدىن مۇزېيىد ساقلانماقتا(. پاپىرۇس >434 نومۇرى<، >خاررىس چوڭ پاپىرۇس كىتابى< قاتارلىقلار. مەزمۇن جەھەتتە ھۆكۈمەت ئالاقىلىرى، دىن، خەت - چەك، ئەدەبىيات، تىبابەتچىلىك، ماتېماتىكا قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ساقلىغۇچىلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغانلىرىمۇ بار. ئومۇمەن ئاممىباپ شەكىل ۋە روھانىيلارچە شەكىلدىكى يېزىق بىلەن يېزىلغان. >ئۆلگۈچىگە بېغىشلانغان كىتاب< لار تەسۋىرىي يېزىق >ئېروگلىف يېزىق< بىلەن يېزىلغان. قەدىمكى گرېكلار ۋە رىملىقلارمۇ پاپىرۇس قەغەزنى ئىشلەتكەن. ھازىرقى ئېنگلىز يېزىقدىكى Paper )قەغەز( دېگەن سۆز >پاپىرۇس< دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان.