Uyghurئاساسىي لۇغەت
پاپىنىيانۇس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 140 - 212) رىم قانۇنشۇناسى. سېپتىمىيۇس سېۋېرۇس خان تەختتىكى مەزگىللەردە گۇاردىيە ئەمەلدارى بولغان، قوشۇمچە ئەدلىيىنى باشقۇرغان. خان بىلەن بىرگە برىتانىيىگە بارغان. سېۋېرۇسنىڭ ئوغلى كاراكاللا (211-217-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۆلۈم جازاسى بىرىلگەن. ئۇ قانۇن بىلىملىرىنى پىششىق بىلىشى ۋە بىلىم دائىرىسىنىڭ كەڭ بولۇشى بىلەن شۆھرەت قازانغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <قانۇندىن سوراقلار>(37 پارچە)، جاكارلانغان ئەمىرپەرمانلارنى تەرتىپ بويىچە رەتلىگەن: <قانۇندىن جاۋابلار>(19 پارچە)بولۇپ، جۈملىدىن قانۇن چۈشەندۈرۈشى ھەمدە ھەرخىل جىنايەتلەر(مەسىلەن، بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئوخشاش) شەرھلەنگەن، رىم ئىمپېرىيىسىدىكى تەسىرى بار قانۇنشۇناس <پاپىنانۇسچىلار> ئېقىمىنىڭ ياراتقۇچىسى.