Uyghurئاساسىي لۇغەت
پاھاڭ دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
مالايادىكى قەدىمكى دۆلەت. مالايا يېرىم ئارىلى جەنۇبىي قىسمىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان. سىرىۋىجيا دۆلىتىگە بېقىندى بولغان. 1378-يىلى (مىڭ سۇلالىسى خۇڭۋۇنىڭ 11-يىلى) غىچە جۇڭگوغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. جۇڭگو دېڭىزچىسى جېڭخې ئۇ يەرگە بارغان. ⅩⅤ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مالاككا دۆلىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالغان. كېيىن يەنە جوھورى دۆلىتىگە قارام بولغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا جوھورې دۆلىتى زاۋاللىققا يۈزلەنگەندىن كېيىن، ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل سۇلتانلىققا ئايلانغان. 1888- يىلى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان.