Uyghurئاساسىي لۇغەت
پانىنى
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ - Ⅳ ئەسىرلەر). بەينىنىمۇ دېيىلىدۇ. قەدىمكى ھىندىستان سانسىكرىت تىلى گرامماتىكىچىسى. غەربىي ھىندىستاندىكى سالاتۇرادا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ <ئەدەبىي تىپ> (<سەككىز بابلىق كىتاب> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ) دېگەن ئەسىرى بولۇپ، جەمئىي سەككىز بابقا بۆلۈنگەن، تەخمىنەن تۆت مىڭ ماددا (جۈملە) لىك تىل تاۋۇشلىرى، گرامماتىكا قائىدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ ئەڭ دەسلەپكى گرامماتىكا ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ؛ باشقا ئالىملار تەرىپىدىن تۈزىتىلىپ، ئىزاھلىنش ئارقىلىق قېلىپلاشقان سانسىكرىت تىلى گرامماتىكىسىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى، كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.