Uyghurئاساسىي لۇغەت
پاۋلوۋچە ئاشقازانچاق
بىئولوگىيە
روسىيە فىزىئولوگى پاۋلوۋ كەشىپ قىلغان بىرخىل تەجرىبە ئاشقازىنى. ئۇ <پاۋلوۋ كىچىك ئاشقازىنى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خرورگىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاشقازان تەنچىسىنىڭ ئاشقازان چوڭ ئەگمىسىدىن بىر كىچىك قىسمىنى ئاجرىتىۋېلىپ ئاداشقان نېرۋىلار باشقۇرىدىغان كىچىك ئاشقازان ياساش ئۇسۇلى. ئاشقازان دىۋارىنى كەسكەندە بۇ كىچىك بىر قىسىم ئاشقازان دىۋارىنى پۈتۈنلەي كېسىۋەتمەستىن بەلكى كىچىك ئاشقازان شىللىق پەردە قەۋىتى بىلەن ئاشقازان تەنىچىسىنى تولۇق ئاجرىتىپ، ئاداشقان نېرۋىلار ئۆتكەن شىرنىلىك پەردە ۋە مۇسكۇل قەۋىتىنى قالدۇرۇپ قويۇش ئارقىلىق ئاداشقان نېرۋىلارنىڭ كىچىك ئاشقازانغا بولغان ئىدار قىلىشى ساقلاپ قېلىنىدۇ. ئاندىن كېسىلگەن ئېغىزنى تىكىۋېتىپ ئاساسىي ئاشقازان ۋە ئاشقازانچاق شەكىللەندۈرۈلۈپ ئاشقازانچاق ئېغىزى قورساق دىۋارى تېرىسىنىڭ سىرتىغا ئېچىلىدۇ. بۇنداق تەييارلانغان ئاساسىي ئاشقازان يەنىلا قىزىلئۆڭگەچ، ئىنچىكە ئۈچەيلەرگە تۇتاشقان بولۇپ، نورمال ئوزۇقلۇق ھەزىم قىلىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارالايدۇ. ئاشقازانچاقنىڭ شىللىق پەردىسى ئاساسىي ئاشقازاندىن تولۇق ئاجرىتىۋېتىلگەچكە ئاشقازانچاق ئاساسىي ئاشقازانغا تۇتاشمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاشقازانچاقتىن ساپ ئاشقازان سۇيۇقلۇقى يىغىۋېلىپ تەھلىل تەتقىقاتىغا ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى يارىتلىدۇ. ئاشقازانچاق سىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ (قان تومۇرغا ئەگىشىپ ئاشقازانچاققا كىرگەن) ھەم ئاداشقان نېرۋىلارنىڭ ئىدارە قىلىشىنى ساقلاپ قالغان بولغاچقا ئاساسىي ئاشقازاننىڭ پائالىيىتىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.