Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نورماندى
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى诺曼底
nuò màn dǐ
دائىرە: دۇنيا تارىخى诺曼底
nuò màn dǐ
(نورمانلار Norman دىن كەلگەن) فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر تارىخىي جاي. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. 486-يىلى فرانك پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلغان. 843 - يىلى چارلېس ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، غەربىي فرانك پادىشاھلىقى (فرانسيە) غا تەۋە بولغان. 911-يىلى فرانكىيە كورۇلى چارلېس Ⅲ نورمانلارنىڭ باشلىقى روللو بىلەن سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاپ، سېينادەرياسى ئېغىزىدىكى رايونلارنى نورمانلارغائايرىپ بېرىپ، نورماندى كىنەزلىكىنى قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن نورماندىدا ئولتۇراقلاشقان نورمانلار ئاستا - ئاستا فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان بولغان ھەمدە كاتولىك دىنى ۋە فرانسىيىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى قوبۇل قىلغان. 1066-يىلى نورماندى كىنەزى ۋىليام ئەنگلاىيىنى بويسۇندۇرغان. 1204-يىلى فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ نورماندىنى خان جەمەتىنىڭ خۇجىلىق يېرىگە قوشۇۋالغان. ⅧⅩ ئسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە، نورماندى بىر نەچچە ئۆلكىگە ئايرىۋېتىلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.