Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نورماندى خاندانلىقى
دائىرە: دۇنيا تارىخى诺曼底王朝
nuò màn dǐ wáng cháo
ئەنگلىيە خاندانلىقى (1066 - 1154). ئۇنى نورماندى كىنەزى ۋىليام (بويسۇندۇرغۇچى) قۇرغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بولغان سودا ئەۋج ئالغان، مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەت شەھەر ئاھالىسى ۋە چېركاۋنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولغان، لېكىن چوڭ فېئوداللارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ھېنرى Ⅰ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، بىر قىسىم ئاقسۆڭەكلەرنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتقان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ۋارىسلىق قىلغۇچى بولمىغانلىقتىن، تەخت ۋارىسى ماجىراسى كېلىپ چىققان. 1154-يىلى، ئانجولوق ھېنرى Ⅱ تەختكە چىقىش بىلەن، خاندنالىققا خاتىمە بېرىلگەن. كورۇللارنىڭ تەختتە تۇرغان يىللىرى: سىليام بويسۇندۇرغۇچى (1066 - 1087)، ۋىليام Ⅱ (1087 - 1100)، ھېنرى Ⅰ (1100 - 1135)، ستېپېن (1135 - 1154).
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.