Uyghurئاساسىي لۇغەت
نورماندى
دۇنيا تارىخى
(نورمانلار Norman دىن كەلگەن) فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر تارىخىي جاي. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. 486-يىلى فرانك پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلغان. 843 - يىلى چارلېس ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، غەربىي فرانك پادىشاھلىقى (فرانسيە) غا تەۋە بولغان. 911-يىلى فرانكىيە كورۇلى چارلېس Ⅲ نورمانلارنىڭ باشلىقى روللو بىلەن سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاپ، سېينادەرياسى ئېغىزىدىكى رايونلارنى نورمانلارغائايرىپ بېرىپ، نورماندى كىنەزلىكىنى قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن نورماندىدا ئولتۇراقلاشقان نورمانلار ئاستا - ئاستا فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان بولغان ھەمدە كاتولىك دىنى ۋە فرانسىيىنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى قوبۇل قىلغان. 1066-يىلى نورماندى كىنەزى ۋىليام ئەنگلاىيىنى بويسۇندۇرغان. 1204-يىلى فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ نورماندىنى خان جەمەتىنىڭ خۇجىلىق يېرىگە قوشۇۋالغان. ⅩⅧ ئسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە، نورماندى بىر نەچچە ئۆلكىگە ئايرىۋېتىلگەن.