Uyghurئاساسىي لۇغەت
نېھرۇ
مەشھۇر شەخسلەر
جاۋاخارلال نېھرۇ (1889 −1964 - يىللار) شىمالدىكى ئاللاھاباتتىكى براخمان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەنگلىيە خاررو مەكتىپى ۋە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەبىئىي پەن ۋە قانۇن ئۆگەنگەن. غەربنىڭ دېموكراتىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى چوڭقۇر قوبۇل قىلغان.1912 - يىلى ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاللاھاباتتا ئادۋوكات بولغان ۋە گەندىگە ئەگىشىپ ھىندىستاننىڭ مىللىي ئازادلىق ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان. نەچچە ئون يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، مەغلۇپ بولغان ۋە تۈرمىلەردە ياتقان، ئون نەچچە يىل تۈرمىدە يېتىپمۇ باش ئەگمىگەن، تىز پۈكمىگەن.1947
- يىلى8 - ئايدا ھىندىستاننىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشىپ، نېھرۇ تۇنجى زۇڭلى بولغان ھەمدە تاكى1964 - يىل5 - ئاينىڭ27 - كۈنى ۋاپات بولغانغا قەدەر زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، نېھرۇ سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن. ئۇ ئېيتقان سوتسىيالىزم ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، كوممۇنىزم بىلەن كاپىتالىستىك دۆلەتنىڭ ئورتودوكسال ئەمەلىيىتى ئارىلىقىدىكى بىر خىل يولدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ خىل سوتسىيالىزمنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ھەممە ئادەم تەڭ پۇرسەتكە ئېرىشىش، ھەممە ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئالدى بىلەن ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى نامرات، جاپاكەش خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، سانائەت دۆلەت ئىلكىدە بولۇش، يېزا ئىگىلىكىنى كوپىراتسىيىلەشتۈرۈش، تىنچ ۋە دېموكراتىك ئۇسۇل ئارقىلىق ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئىشلارنىڭ ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
نېھرۇ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئىتتىپاق تۈزمەسلىك رولىنى تۇتقان.1954 - يىلى6 - ئايدا تەكلىپكە بىنائەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ۋە جۇ ئېنلەي زۇڭلى بىلەن »جۇڭگو شىزاڭ بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە قاتناش كېلىشىمى«نى ئىمزالىغان، كېلىشىمگە جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان »تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپى« كىرگۈزۈلگەن.1955
- يىلى باندۇڭ يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، نېھرۇ كۆپ قېتىم جۇ ئېنلەي زۇڭلى بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە ئىككىسى كۆپ تەرەپتىن خىزمەت ئىشلەپ، »تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپى«نى باندۇڭ يىغىنىنىڭ ئاساسىغا ئايلاندۇرغان. جۇڭگو، ھىندىستان، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىردەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، باندۇڭ يىغىنىدا ئاخىر »تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پرىنسىپى« يادرو قىلىنغان » باندۇڭ يىغىنىنىڭ ئون پرىنسىپى« بارلىققا كېلىپ، ئاسىيا، ئافرىقا ئەللىرى ئورتاق ئەمەل قىلىدىغان مىزان بولۇپ قالغان ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە زور تەسىر پەيدا قىلغان.
دۇنيا تارىخى
(1) موتىلال نېھرۇ (1861 - 1931). ھىندىستان خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى، ئادۋوكات. ئاگرادىكى براخمان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئاللائابات ئالىي سوتىدا ئىشلىگەن. 1907-يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسىگە قاتناشقان بولۇپ، مۆتىدىلچىلەردىن بولغان. پارس، ئەرەب ۋە ئىنگلىز تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن. 1919-يىلى ئاللائاباتتا <مۇستەقىللىك گېزىتى> نى چىقارغان. 1920-يىلى گەندى رەھبەرلىك قىلغان ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1923-يىلى داس بىلەن بىللە خەلق كونگرېسى پارتىيىسى ئىچىدە ئاپتونومىيە پارتىيىسىنى قۇرغان. كېيىن بۇ پارتىيىنىڭ رەھبىرى بولغان. 1919- ۋە 1928-يىلى ئىككى قېتىم خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1925- ۋە 1928-يىلى پۈتۈن ھىندىستاندىكى ھەرقايسى پارتىيىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ھىندىستان قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنىڭ رەھبىرى بولغان. ئىسلاھات ۋە ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئاپتونومىيىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1928-يىلى 5-ئايدا خەلق كونگرېسى پارتىيىسى ئاساسىي قانۇن تەييارلاش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، 7-ئايدا ئاساسىي قانۇن دوكلاتى (يەنى <نېھرۇ دوكلاتى>) نى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىغان. 1930-يىلى يەنە بىر قېتىم گەندى رەھبەرلىكىدىكى پۇقرالارنىڭ بويسۇنماسلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە چشكەن، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. (2) جاۋخارلال نېھرۇ (1889 - 1964). ھىندسىتان زۇڭلىسى (1947 - 1964). ھىندىستان مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن بىرى. ھىندىستان ئاللائاباتتىكى براخمان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. موتىلا نېھرۇنىڭ ئوغلى. 1905-يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ ئوقۇغان. ئىلگىرى - كېيىن خاررۇ مەكتىپى ۋە كېمبرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرىنچى مارت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1912-يىلى ئادۋوكات سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان. شۇ يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ، ئاللائابات ئالىي سوتىدا ئادۋوكات بولغان. 1918-يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1919-يىلى خەلق كونگىرېسى پارتىيىسى ئامرىتسار پاجىئەسىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىغا قاتناشقان. 1920-يىلى گەندى رەھبەرلىكىدىكى غەيرىي زورلۇق كۈچى ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1928-يىلى 11-ئايدا بوسې بىلەن بىللە پۈتۈن ھىندىستان مۇستەقىللىك ئىتتىپاقىنى قۇرغان. 1929-يىلى خەلق كونگرېسى پارتىيىسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. كۆپ قېتىم خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان (1929، 1936، 1937، 1946، 1951، 1954). كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە ئۇزاققىچە نەزەربەند ئاستىدا تۇرغان. 1946-يىلى 9-ئايدا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەن ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ تۇنجى زۇڭلىسى ۋە قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىر بولغان. باندۇڭ يىغىنى ۋە ئىتتىپاق تۈزمەتلىك ھەرىكىتىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ بىرى. <نېھرۇنىڭ تەرجىمىھالى>، <ھىندىستاننىڭ تېپىلىش>، <ھىندىستان ۋە دۇنيا> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.