Uyghurئاساسىي لۇغەت
نېھرۇ دوكلاتى
دۇنيا تارىخى
1928-يىلى 7-ئايدا موتىلال نېھرۇ باشچىلىقىدىكى ئاساسىي قانۇن تەييارلاش كومىتېتى تەييارلىغان ئاساسىي قانۇن دوكلاتى. دوكلات سىمون تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. 1928-يىلى 5-ئايدا چاقىرىلغان ھىندىستان بويىچە ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ ئۈچىنچى قۇرۇلتىيىنىڭ قاراىغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلغان. ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: (1) ھىندىستانغا دومىنىئونلۇق ئورنىنى بېرىش، پۈتكۈل ھاكىمىيەتنى قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى ئالدىدا جاۋابكار بولغان ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىش تەلەپ قىلىش، ئەنگلاىيە ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ئىشلارغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش. (2) تاموژنىنى ئۆزى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشنى، ھىندىستان ئاھالىلىلىرىگە سۆز، يىغىلىش، مەتبۇئات ۋە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش ئەركىنلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ باشقا ھەرخىل ھوقۇقلىرىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش. (3) سايلام تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ سايلىغۇچىلار بىرلىكى بويىچە سايلاش تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش. ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى ئاز سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئۆلكىلەردە ئىسلام دىنى مۇرىتلىرىغا بېرىلىدىغان ئورۇننى مەلۇم دەرىجىدە كاپالەتلەندۈرۈش. بۇ دوكلات مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. خەلق كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم يەرلىك كومىتېتلىرىمۇ باشقىچە پىكىردە بولۇپ، 1927-يىلى مادراس يىللىق يىغىنىدا ماقۇللانغان مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار مەيدانىدىن چېكىنگەنلىك، دەپ ھېسابلىغان.