Uyghurئاساسىي لۇغەت
ناچادا مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
مىسىرنىڭ برونزا، تاش قوراللار تەڭ ئىشلىتىلگەن دەۋرىدىكى مەدەنىيىتى. يۇقىرىقى مىسىرنىڭ تېبېس ئەتراپىدىكى ناچادادىن تېپىلغان. تەخمىنەن مىلادىدىن 4000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئاخىرلىرىغىچە بولغان ئارلىققا توغرا كېلىدۇ. بۇ مەدنىيەت باسقۇچىنىڭ خارابىلىرى مىسىردا بىر نەچچە جايدا تېپىلغان. ئارخېئولوگلار يەنە ئۇنى ناچادا مەدەنىيىتى Ⅰ (يەنە ئامرا مەدەنىيىتى) ۋە ناچادا مەدەنىيىتى Ⅱ (يەنە گىرزا مەدەنىيىتى) دەپ ئايرىغان، كېيىنكى سىنىپىي جەمئىيەتكە ئۆتۈشكە باشلىغان.