Uyghurئاساسىي لۇغەت
مېزوزوئا
بىئولوگىيە
ئوتتۇرىدا پەيدا بولغان ھايۋانلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ مەلۇم ساندىكى ئالىملار مېزوزوئالارنى پروتوزا (ئاددىي ھايۋانلار) نىڭ مېتازوئا (كېيىن پەيدا بولغان ھايۋان) لارغا تەرەققىي قىلىشىدىكى ئۆتكۈنچى تۈركۈمى دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ تېنى كىچىك، ئادەتتە 5.0 - 7 مىللىمېتىر، تۈزۈلۈشى ئاددىي، پۈتۈن تېنى پەقەت 20 - 30 ھۈجەيرىدىنلا تۈزۈلگەن. ھۈجەيرىلىرى ئاساسەن ئىككى قەۋەت بولۇپ تىزىلغان، بەدەن سىرتىدا كىرپىك تۈكلىرى بولىدۇ. ھايات تارىخى مۇرەككەپ، ھەممىسى دېڭىز - ئوكيانلاردىكى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىڭ بەدىنىدە پارازىتلىنىدۇ. مەلۇم بولغىنى 50 تۈر، نۆۋەتتە بەزى ئالىملار مېزوزوئا (ئوتتۇرىدا پەيدا بولغان ھايۋان) لار ئىپتىدائىي ياكى رۇدىمېنتلاشقان ياپىلاق قۇرۇت، شۇڭا ياپىلاق تەنلىك ھايۋانلار تىپىغا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك دەپ قارىسا، بەزىلىرى ئۇنى دەسلەپكى مېتازوئا (كېيىن پەيدا بولغان ھايۋان) لارنىڭ بىر تارمىقى دەپ تونۇيدۇ. ئۇلار ئۇزۇن مۇددەتلىك پارازىتلىنىش تارىخىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن ئالاھىدە بىر تۈركۈم ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تەبىئىي كلاسسىفىكاتسىيىلىك ئورنىنى بېكىتىش ھازىرچە قىيىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛گرېكچە
زوئولوگىيە
كۆپ ھۈجەيرىلىك ھايۋانلار ئىچىدىكى تەن قۇرۇلۇشى ئەڭ ئاددىي ھەم ئەزالىرى بولمىغان كىچىك ھايۋانلار.