Uyghurئاساسىي لۇغەت
مېستا
دۇنيا تارىخى
مېستا لاتىنچە مېستۇستىن كەلگەن بولۇپ، <بىرلىشىش> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 18 - 19 - ئەسىرلەردە ئىسپانىيىدە قويچىلىق خوجايىنلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئىتتىپاق. ئەزالىرىنىڭ كۆپى چوڭ فېئوداللار بىلەن دىنىي رىتسارلار پولكىنىڭ ئادەملىرى. 1273-يىلى كاستىلىيىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەدلىيە قاتارلىق ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولغان. ئىتتىپاقنىڭ كۆپ ساندىكى قوي شىمالغا قەرەللىك ھەيدەپ بېقىلىپ، يول بويى ئېتىز - ئېرىق، ئوتلاق ۋە ئۈزۈمزارلىقلارنى ۋەيران قىلغانلىقتىن، دېھقانلار رېشاتكا ياساپ توسۇشقا مەجبۇر بولغان. 18 - ئەسىرگەكەلگەندە، غەربىي ياۋروپانىڭ قوي يۇڭىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئىتتىپاقنىڭ چارۋىچىلىق فېرمىلىرى ئېتىز - ئېرىقنى ۋەيران قىلىش ھېسابىغا يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، قوي سانى بىر مەزگىل 7 مىليون تۇياققا يەتكەن. 18 - ئەسىردە ئىتتىپاقنىڭ ئىمتىيازى بىكار قىلىنغان. 1836-يىلى ئىتتىپاق تارقىتىۋېتىلگەن.