Uyghurئاساسىي لۇغەت
مېسسېنىيە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ھېلوتلار قوزغىلىڭىمۇ دېيىلىدۇ. مېسسېنلارنىڭ سپارتا ئىستېلاچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئئۇرۇشى. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئسىردە سپارتالىقلار غەربتىكى قوشنىسى مېسسېنىيە رايونىغا بېسىپ كىرىپ، مېسسېنلار (شۇلارنىڭ تولىسى ئاچايالارنىڭ ئەۋلادى) نى قۇل قىلغا (ھېلۇتلار). شۇنىڭ بىلەن ھېلۇتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىقىنى قوزغىغان. كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغىنى ئۈچ قېتىم (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 743 - 472، مىلادىدىن ئىلگىرى 685 - 668، مىلادىدىن ئىلگىرى 464 - 455)، بولۇپمۇ ئۈچىنچى قېتىملىقى ئەڭ كەسكىن بولغان. مىلادىدىن 464 يىل ئىلگىرى سپارتادا يەر تەۋەرىگەن، ھېلوتلار سپارتالىقلارنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، تېزلىكتە پۈتكۈل مېسسېنىيە ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى لاكونىيىگە كېڭەيگەن. ئۇنىڭ ھەيۋىسى كۈچلۈك بولۇپ، بىر مەھەل سپارتا شەھىرىگە يېقىن بارغان. سپارتا ھۆكۈمرانلىرى ئالاقزادە بولۇپ، ھەرقايسى بەگلىكلەردىن ياردەم سوراپ، ئاخىرى قوزغىلاڭچىلارنى ئېگىز ھەم خەتەرلىك بولغان ئىتومې تېغىغا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان. قوزغىلاڭ ئون يىل داۋام قىلىپ، مىلادىدىن 455 يىل ئىلگىرى باستۇرۇلغان، بىراق قوزاغىلاڭچىلار بالا - چاقىسىنى ئېلىپ پېلوپۇننېسوس يېرىم ئارىلىدىن چېكىنىپ چىققان (ئوتتۇرا گرېتسىيىدىكى نوپېكتكە كۆچۈپ بارغان). ئۇرۇش مۇشۇ بىر تۈركۈم ھېلوتلاrنىڭ قۇللۇقتىن قۇتۇلۇشى بىلەن ئاياغلاشقان. شۇنىڭدىن كېيىن مېسېنلار يەنە كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، مىلادىدىن 369 يىل ئىلگىرى مۇستەقىللىككە ئىگە بولغان. ئاخىرى، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىردە رىمغا بېقىنغان.