Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇۋازىنەت
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تەڭ - باراۋەرلىك، تەڭپۇڭلۇق: مۇۋازەنە - ئىككى نەرسىنى تەڭلەشتۈرۈپ كۆرمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېگىز - پەسلىك، يۇقىرى - تۆۋەنلىك بولمىغان، ھەممە ئوخشاش بولغان ھالەت.
بەش قول تەڭ ئەمەس. قاش بىلەن كۆز تەڭ بولمايدۇ. باراۋەر ئىدۇق ھەممىمىز تەڭرى ئالدىدا ، باراۋەر بولمىدۇق ئەممە دەۋر ئالدىدا، كېرىلىپ كەتمىگىن سەن ئامەتلىرىڭدىن، باراۋەر بولىمىز قەبرى ئالدىدا. بەش تال بارماق، بەش قېرىنداش، بىراق زادى بىردەك بولماس. بىر كۈندە تۇغۇلغان بارماقمۇ تەكشى ئەمەس. تىكىس يەر تېپىلماس. تەڭپۇڭ بولماق تەس، مۇۋازىنەت ئەلا. موساۋەت فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ ئۈچ شوئارى : ھۈرىيەت، موساۋات، ئادالەتنىڭ بىرى. ئۇنىڭدا ھەممىنىڭ تەڭ - باراۋەرلىكى تەشەببۇس قىلىنغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قارىمۇ قارشى تەرەپلەرنىڭ تەڭلىكى، تەكشىلىكى.
مۇۋازىنەت كېتىپ بۇزۇلسا مىزاج، تېپىلماس دورا - دەرماندىن ئىلاج. ئېكولوگىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ناھايىتى زۆرۈر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
جىسىملارنىڭ قارىمۇ قارشى يۆنەلگەن تەڭ كۈچلەر تەسىرىدىكى تىنچ، تۇرغۇن ھالىتى.
مۇۋازىنىتىنى ساقلىماق.
كۆچمە. قارىمۇقارشى كۈچلەرنىڭ، ھادىسىلەرنىڭ تەڭلىشىشى، ئۇيغۇنلىشىشى تۈپەيلى سادىر بولغان نىسپىي تۇرغۇنلۇق.
سىياسىي كۈچلەر مۇۋازىنىتى. مۇۋازىنەت سېزىمى.
<پەلس> تەڭپۇڭلۇق.
مۇۋازىنەت نەزەرىيىسى.