Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇۋەپپەقىيەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېرىشمەكچى بولغان، ئېرىشىلگەن نەتىجە، ئۈنۈم.
جاپالىق ئەمگەك + توغرا ئۇسۇل + قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىش = مۇۋەپپەقىيەت. گۈزەل چىراي ھامان كېتىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇتۇق جاپالىق ئەمگەكتىن كېلىدۇ، تىرىشماي، كۈرەش قىلماي ئۇتۇق قازىنىش يوق گەپ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ياخشى نەتىجە.
مەغلۇبىيەت
يامان نەتىجە.
مۇۋەپپەقىيەت - ئۈمىد بىلەن كۈرەشنىڭ بىرىكمىسى. ئۇتۇق - جاپالىق ئەمگەكنىڭ سىمكىرى. مەغلۇبىيەت تەجرىبىسى بولمىغان مۇۋەپپەقىيەت قازانماس. مۇۋەپپەقىيەت مەغلۇبىيەت تۇپرىقىدىن ئۈنەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ئىشتىن قولغا كەلتۈرگەن، ئېرىشىلگەن نەتىجە؛ غەلىبە، ئۇتۇق.
مۇۋەپپەقىيەت قازانماق.
بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۈچۈن، ئۇنى سىنىپ مۇدىرى ۋە ساۋاقداشلار سەمىمىي قۇچاقلاپ تەبرىكلىدى.