Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇۋاتتال
دۇنيا تارىخى
ھىتت پادىشالىقىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگرىى 14 - 13 -ئەسىرلەردە). تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە سىرتقا قاراپ داۋاملىق كېڭەيمىچىلىك قىلغان. مىسىر فىرئەۋىنى رامىسېس Ⅱ بىلەن سۈرىيە رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرى 14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىككى تەرەپ ئورونت دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى كادىس (بۈگۈنكى سۈرىيىنىڭ تەۋەسىدە) دا جەڭ قىلىشقان. جەڭدە يېڭىش - يېڭىلىش ئايرىلمىغان. ئۇرۇش داۋاملاشتۇرۇلغان. پايتەختنى خاتتۇساستىن داتتاسسا (ھاررىس دەرياسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە) شەھىرىگە يۆتكىگەن. ئىنىسى خاتتۇشىل ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغان.