Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مۇۋاتتال
دائىرە: دۇنيا تارىخى穆瓦塔尔
mù wǎ tǎ ěr
ھىتت پادىشالىقىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگرىى ⅢⅩ - ⅣⅩ ئەسىرلەردە). تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە سىرتقا قاراپ داۋاملىق كېڭەيمىچىلىك قىلغان. مىسىر فىرئەۋىنى رامىسېس Ⅱ بىلەن سۈرىيە رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى تالاشقان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅹ Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىككى تەرەپ ئورونت دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى كادىس (بۈگۈنكى سۈرىيىنىڭ تەۋەسىدە) دا جەڭ قىلىشقان. جەڭدە يېڭىش - يېڭىلىش ئايرىلمىغان. ئۇرۇش داۋاملاشتۇرۇلغان. پايتەختنى خاتتۇساستىن داتتاسسا (ھاررىس دەرياسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە) شەھىرىگە يۆتكىگەن. ئىنىسى خاتتۇشىل ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.