Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇستېر مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
ياۋروپانىڭ كوان تاش قورال دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى مەدەنىيەت. ئەڭ دەسلەپ فرانسىيىنىڭ مۇستېر دېگەن يېرىدە تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1869-يىلى فرانسىيە ئارخېئولوگى مورتىللېت بۇ يەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، مۇستېر مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولغان، تۆت خىلغا ئايرىش دېگەن سۆزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تىپىك قالدۇق نەرسىلەردىن ئۇچلۇق قوراللار ۋە قىرىش - يونۇش قوراللىرى بار. ھايۋاناتلاrدىن مامۇنت، يۇڭلۇق كەركىدان ۋە بۇغا قاتارلىقلار بار.