Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇستەھكەملىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مۇستەھكەم ھالغا كەلتۈرمەك، مۇكەممەللەشتۈرمەك.
ئۇ يېڭىلگەن لەشكەرلەرنى يىغىۋېلىپ، قارارگاھنى مۇستەھكەملەپ قاتتىق ساقلاشقا، چىقىپ جەڭ قىلماسلىققا بۇيرۇق بەردى.
تەرتىپكە سالماق، كۈچەيتمەك.
يېڭىدىن ئورنىتىلغان پرولېتارىيات دىكتاتورىمىزنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەيتتى.
پۇختىلىماق، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرمەك، پۇختا تەييارلىماق.
دەرسنى مۇستەھكەملىمەك.