Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇسسىياكوزى سانېئاپو
دۇنيا تارىخى
(1885 - 1976) ياپونىيىلىك يازغۇچى، دراماتورگ شائىر. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي پەن كەسپىدە ئوقۇپ يېرىم يولدا مەكتەپتىن چېكىنگەن. ياش ۋاقتىدا تولىستوينىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىنسانپەرۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلغان. 1910-يىلى شىگانائويا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن <ئاق قېيىن> ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان، <سەمىمىي ئادەم>، <دۇنيانى كۆرمىگەن ئادەم> قاتارلىق پوۋېست ۋە ئۇرۇشقا قارشى سەھنە ئەسەرلىرىدىن <ئۇنىڭ سىڭلىسى>، <مەلۇم ياشنىڭ چۈشى> قاتارلىقلارنى يازغان. 1918-يىلى يىمازاكى ناھىيىسىنىڭ تاغلىق رايونىدا <يېڭى كەنت> قۇرۇپ <يېڭى كەنت> ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، <بەختكە ئېرىشكۈچى>، <دوستلۇق>، <ياشىسۇن ئىنسانىيەت> قاتارلىق ھېكايىلەرنى يازغان. ئاكىۋانىڭ دەسلەپكى يىللىرى تەرجىمال ھېكايىلەرنى كۆپ يازغان. ئاكىۋانىڭ دەسلەپكى يىللىرى تەرجىمال ھېكايىلەرنى كۆپ يازغان ھەمدە سەنئەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئىكىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە <بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ئۇرۇشى توغرىسىدا شەخسىي ھېسسىياتىم> قاتارلىق ماقالىلەرنى يازغان. ئۇرۇشتىن كېيىن <ھەقىقەتچى ئەپەندى> دېگەن روماننى يازغان.1951-يىلى مەدەنىيەت ئوردىنىغا ئېرىشكەن. 1952-يىلى سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. پۈتۈن ھاياتىدا 500 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان. 25 توملۇق <مۇسىياكوزى ئەسەرلىرى> نەشر قىلىنغان.