Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇسكۇل توقۇلمىسى
بىئولوگىيە
ئالاھىدە دىففېرېنسىيىلەنگە مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىدىن تۈزۈلگەن روشەن قىسقىراش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر خىل توقۇلما. مۇسكۇل ھۈجەيرىسى ئىنچىكە ئۇزۇن، تالسىمان بولغاچقا <مۇسكۇل تالاسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇسكۇل ھۈجەيرىسىنىڭ سىتوپلازمىسى مۇسكۇل پلازمىسى (ميوپلازما) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇزۇنىغا تىزىلغان مۇسكۇل ئىپتىدائىي تالالىرى ميوفىبرىللا بولىدۇ. مۇسكۇل تالالىرىنىڭ قىسقىراش ئالاھىدىلىكىنىڭ ئاساسى. مۇسكۇل توقۇلمىسىنىڭ مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىنلا ھايۋانلارنىڭ گەۋدىسى (بەدىنى)، ھەرقايسى ئىچكى ئورگانلىرى ھەمدە تۆت پۇتىنىڭ ھەرىكەتلىرى ئەمەلگە ئاشالايدۇ. مۇسكۇل توقۇلمىسى مۇسكۇل ھۈجەيرىسى مورفولوگىيىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۈچ خىل تىپقا بۆلۈنىدۇ: (1) سىلىق مۇسكۇل ھۈجەيرىسى ئۇزۇن ئۇرچۇق شەكلىدە، يادروسى بىر، مۇسكۇل ئىپتىدائىي تالالىرىد توغرا يوللىرى يوق. ئىچكى ئورگانلارغا (ھەزىم قىلىش ئورگانلىرىغا) تارقالغان بولۇپ ئاستا، ئىختىيارسىز ھەرىكەتلىنىدۇ؛ (2) توغرا يوللۇق مۇسكۇل. ھۈجەيرىسى ئۇزۇن سىلىندىر شەكلىدە، يادروسى كۆپ، مۇسكۇل ئىپتىدائىي تالالىرىدا ئېنىق ياكى تۇتۇق ئالمىشىپ كەلگەن روشەن توغرا يوللىرى بولىدۇ. سۆڭەككە يېپىشىپ تۇرىدۇ، ئىختىيارىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ؛ (3) يۈرەك مۇسكۇلى. ھۈجەيرىسى قىسقا، شاخلانغان بولۇپ، ئۆزئارا تۇتىشىپ تورسىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن، يادروسى بىر - ئىككى دانە، مۇسكۇل ئىپتىدائىي تالالىرىدا ئېنىقسىز توغرا يوللىرى بولىدۇ. يۈرەك مۇسكۇلى يۈرەكتىلا بولۇپ، نورمال ئەھۋال ئاستىدا رىتىملىق قىسقىراپ تۇرىدۇ. ئىرادىنىڭ تىزگىنلەش تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.