Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇھەممەد مۇنتەزەر
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(تەخمىنەن 868 - 878)ئەبۇ قاسم مۇھەممەد دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىئە مەزھىپى ھۆرمەت قىلىدىغان ئون ئىككىنچى ئىمام ۋە كەلگۈسىدىكى قۇتقۇزغۇچى. ئادەتتە <ئىمام مەھدى>، <دەۋرنىڭ ئىمامى>، <دەۋر ئىگىسى> ياكى <مۇنتەزەر> دەپ ئاتىلىدۇ (مۇنتەزەر دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى <ئارزۇ قىلىنىۋاتقان> دېگەنلىك بولىدۇ). سامارا (ھازىرقى ئىراقنىڭ چېگرىسى ئىچى) دە دۇنياغا كەلدى. ئون بىرىنچى ئىمام ھەسەن بىننى ئەلى ئەسكەرى (845 - 872 ياكى 874) نىڭ ئوغلى. دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئون ئىككىچنى ئىمام قىلىندى. لېكىن، 872 - يىلىدىن 941 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە تۆت نائىب ياكى ۋەكىل ئۇنىڭ ئورنىدا دىنىي ھوقۇق يۈرگۈزدى. بۇ دەۋر <كىچىك غايىبلىق> دېيىلدى؛ تۆتىنچى نائىب سەمەرى 941 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ۋەكىل بولماي <چوڭ غايىبلىق> دېيىلدى. شىئە مەزھىپىدىكىلەر زامانىي ئاخىر بولغاندا مۇھەممەد مۇنتەزەر <ئىمام مەھدى> سۈپىتى بىلەن دۇنياغا پەيدا بولۇپ، ئادالەتكە ئىگە بولىدۇ، ياخشىلارنى مۇكاپاتلاپ، يامانلارنى جازالايدۇ، دەپ قارايدۇ.