Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(? - 1670) مىڭ سۇلالىسى ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭدا ئۆتكەن ئاق تاغلىق خوجا. مەھمۇد ئىمىننىڭ ئوغلى. 1620 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىن قەشقەرگە كېلىپ ئىشانلار ئەقىدىسىنى تارقاتتى ۋە مۇخلىس قوبۇل قىلدى. تەسىرى كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن، يەكەن خانلىقىدىكى ئابدۇللا خان تەرىپىدىن قەشقەرغە قوغلىۋېتىلدى. ئۇ يەردىن قۇمۇلغا قېچىپ باردى. 1638 - يىلى ئوغلى ھىدايىتۇللا ئىشان (ئاپاق خوجا) قەشقەرغە يېتىپ كەلدى. 1667 - يىلى ئابدۇللانىڭ ئوغلى يولۋاسنىڭ دادىسىغا قارشى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشىنى قوللىدى. يولۋاس تەختكە چىققاندىن كېيىن، يەكەن خانلىقىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى چاڭگىلىغا ئالدى. ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، رەقىبلىرىنى تازىلاپ، قارا تاغلىقلارنى قىرىپ، خەلقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. كاڭشىنىڭ 9 - يىلى يەكەندىكى قارا تاغلىق ئاممىنىڭ قوزغىلىڭىدا ئۆلتۈرۈۋېتىلدى، ئوغلى ھىدايىتۇللا ئىشان ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىپ كەتتى.