Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇھەممەدىيە جەمئىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندونېزىيىدىكى مودېرنىزمچى ئىسلام دىنى تەشكىلاتى بولۇپ، بۇنى ئەھمەد دەھلات (1869 - 1923) 1912 - يىلى 11 - ئايدا يوگياكارتادا قۇردى. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەدرىسە، دوختۇرخانا ۋە دارىلئېتاملارنى سالدى. 1938 - يىلىغىچە 852 شۆبە جەمئىيەتكە، 250 مىڭ ئەزاغا، 834 مەسچىتكە، 31 كۇتۇبخانىغا، 1774 مەكتەپكە، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان. دوختۇرخانا، شىپاخانىلارغا ئىگە بولۇپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ھىندونېزىيدىكى ئەڭ مۇھىم ئاممىۋى تەشكىلات بولۇپ قالدى. ھىندونېزىيە 1942 - يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق پائالىيەت قىلدى. دىنىي تەربىيىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، ئىسلام دىنىغا دائىر بىلىملەرنى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ھەمدە <قۇرئان كەرىم> نى ۋە ھەدىسنى <يېڭى قاراش> بويىچە تەپسىر قىلىشنى، سىياسەتكە ئارىلاشماسلىقىنى تەشەببۇس قىلدى. لېكىن، ئەزالىرىنىڭ سىياسىي پارتىيىلەرگە قاتنىشىپ، سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويدى. باشقا دىنلارغا قارشى تۇرمىدى. زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللانمدى. <ئائىشە> نامىدىكى ئاياللار تەشكىلاتى 1922 - يىلى قۇرۇلدى. <ھىزبۇل ۋەتەن> نامىدىكى ئۆسمۈر رازۋېتچىكلار قوشۇنى 1918 - يىلى قۇرۇلدى.