Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۈڭگۈز پەردە
بىئولوگىيە
<كورنىيە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆز ئالمىسى دىۋارى سىرتقى پەردىسىنىڭ ئالدى تەرەپ ئالتىدىن بىر قىسمى بولۇپ، كەينى ئاقسىللىق پەردىگە تۇتىشىدۇ، سىرتقا تومپىيىپ چىققان، سۈزۈك، ئەينەككە ئوخشاش، رەڭدار پەردىنىڭ ئالدىنى قاپلاپ تۇرىدۇ. سىرتتىن ئىچىگە قاراپ بەش قەۋەتكە يەنى، مۈڭگۈز پەردە ئېپىتېلىيىسى، ئالدىنقى ئېلاستىك پەردە، مۈڭگۈز پەردىنىڭ پۈتەي قەۋىتى، كېيىنكى ئېلاستىك پەردە ۋە ئېندوتېلىيە قەۋىتىگە بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭغا تارقالغان قان تومۇرلار بولمايدۇ، ئوزۇقلۇقلار مۈڭگۈز پەردە ئەتراپىدىكى قان تومۇرلار تورى ۋە كۆز دالانچىسى سۈيىگە تايىنىپ تەمىنلىنىدۇ. مۈڭگۈز پەردە ئېپىتېلىيىسىگە سەزگۈ نېرۋىسى ئاخىرقى ئۇچلىرى زور مىقداردا تارقالغان بولۇپ، سېزىمى سەزگۈر (ئۆتكۈر)، مۈڭگۈز پەردىنىڭ پۈتەي قەۋىتى ئەڭ قېلىن بولۇپ، ئاساسەن يېلىم مەنبەلىك تالالاردىن تۈزۈلگەن. مۈڭگۈز پەردىنىڭ زىچلىقى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، نۇر سۇندۇرۇش رولىغىمۇ ئىگە. نورمال مۈڭگۈز پەردىنىڭ رادىئانى بىردەك، نۇر سۇندۇرۇش ئۈنۈمى ئوخشاش بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭدىن ئۆتكەن جىسىم تەسۋىرىي شەكىل ئۆزگەرتمەيدۇ. ئەگەر رادىئانى تەكشى بولماي نۇر سۇندۇرۇشى ناتوغرا بولسا، يىغالماسلىق ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئاناتومىيە
كۆز قارىچۇقىنىڭ يۈزىدىكى بىر قەۋەت نېپىز، سۈزۈك پەردە، بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىدىن تۈزۈلگەن ھەمدە سىرتقا قاراپ سەل كۆپۈنكىلەشكەن. نۇرغۇنلىغان نېرۋا تالالىرى تارقالغان. ئۇنىڭ سەزگۈرلۈكى كۆز ئېقى بىلەن تۇتاشقان.