Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۈشۈك پىياز يېگەندەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بولمىغان، بولمايدىغان ئىش _ ھەرىكەتكە ئوخشىتىش. ئادەتتە قىلمايدىغان ئىشنى قىلغانغا ئىشارە.
ھوي، نېمە بولدى، توخۇ جىرىم غاجىغاندەك تاماكا چېكىسەنغۇ! مامۇت ھاراق ئىچمەيتتى، تۈنۈگۈن تويدا مۈشۈك پىياز يېگەندەك ئازراق ئىچتى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ئادەتتە قىلمايدىغان ئىش - ھەرىكەتنى قىلىپ قويغانلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىبارە: - ھوي، بۈگۈن مۈشۈك پىياز يېگەندەك، ئېلى تاماكا چېكىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئادەتتە قىلمايدىغان ئىش - ھەرىكەتنى قىلىپ قويغانلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىبارە.
ھوي، بۈگۈن مۈشۈك پىياز يېگەندەك،ئېلى تاماكا چېكىۋاتىدۇ.