Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۈڭگۈزلۈك تەڭگە مۇخ
بىئولوگىيە
مۈڭگۈزلۈك تەڭگە مۇخ ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۆسۈملۈك تېنى يوپۇرماقسىمان بولۇپ، يۇمشاق، ئاچ يېشىل ياكى يېشىل، ئاچىماقلىنىپ ياپراققا ئايرىلغان، رەتسىز، دۈگىلەك، ئۈستۈنكى يۈزى سىلىق، گىرۋىكى رەتسىز كەمتۈك ياكى يېرىلىپ ياپراقچىلارغا ئايرىلغان، تۆۋەنكى يۈزىدە يالغان يىلتىز بار، ئوتتۇرا قوۋۇرغىسى يوق. ھەر بىر ھۈجەيرىسى ئىچىدە بىردىن بىر قانچىگىچە چوڭ تىپلىق رەڭلىك تەنچە بولىدۇ. ئاتىلىق، ئانىلىق كۆپىيىش ئورگىنى يوپۇرماقسىمان تەنىنىڭ ئۈستۈنكى يۈزىدە ئۆسىدۇ. سپېرما ئورگىنى 1 - 3 بولۇپ يوپۇرماقسىمان تەنىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنۇپ ئۆسىدۇ. تۇخۇم ئورگىنى ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن يوپۇرماقسىمان تەنىنىڭ ئىچىدىن ئاستا - ئاستا مۈڭگۈزسىمان سپورا غوزىكىنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىدۇ. سپورا غوزىكىنىڭ غوزەك ئوقى بولىدۇ. پىشقاندا ئىككىگە يېرىلىدۇ. سپورىسى سارغۇچ يېشىل، تۆت بۆلەك سپورا تىپلىق بولۇپ، ئۈستىدە سۆگەل بولىدۇ. جۇڭگونىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، رايونلار، ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. تاغلىق رايوندىكى سايە، نەم ئورۇنلار، ئېتىز - ئېرىق ۋە دۆڭلۈكلەردە ئۆسىدۇ.