Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىراسخورلۇق تەرتىپى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇنىڭدا شەرىئەتنىڭ ھەرخىل مىراسخورلارنىڭ مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش تەرتىپى توغرىسىدىكى پرىنسىپلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. سۈننىي مەزھىپى ئاتا جەمەتىنىڭ ۋارىسلىق تۈزۈمىنى ئاساس قىلىپ، ئانا جەمەت تۇغقانلارنىڭ ۋە يىراق تۇغقانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە مۇۋاپىق ئېتىبار بېرىدۇ. ئاساسىي پرىنسىپ مۇنداق: (1) ئاجىز بىۋاسىتە تۇغقانلار كاتتا بىۋاسىتە تۇغقانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، كاتتا بىۋاسىتە تۇغقانلار شىرەم تۇغقانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ (2) ئوخشاش تۇغقانلىق دەرىجىسى ئىچىدىكى ۋارىسلاردىن قانداشلىق مۇناسىۋىتى يېقىنلار قانداشلىق مۇناسىۋىتى يىراقلارنى چەتكە قاقىدۇ؛ (3) رەت تەرتىپى پۈتۈنلەي ئوخشاش ۋارىسلارنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپى ئاتا جەمەت قانداشلىق مۇناسىۋىتى بويىچە بەلگىلىنىدۇ؛ بىر ئانىدىن تۇغۇلغانلار بىر نەۋرە تۇغقانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ھەممە ۋارىسلار ئىچىدە بويتاق قالغانلار (ئەر كىشى ياكى خوتۇن كىشى) نىسىپىي مۇقىم ئورۇندا تۇرغاندىن باشقا، قالغان ۋارىسلارنىڭ لاياقىتى، تەرتىپى ۋە ۋارىسلىق قىلىدىغان نېسىۋىسى ھەمىشە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇ ئاساسلىقى ھەجب (چەتكە قېقىش پرىنسىپى) غا باغلىق بولىدۇ. شىئە مەزھىپى بۇنىڭغا ئوخشاشمايدىغان تەرتىپكە ئەمەل قىلىدۇ.