Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىراس توغرىسىدىكى ئەھكاملار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنى بەلگىلەشنىڭ شەرىئەت دائىرىسىدىكى ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىشىنى شەرت قىلغان ئاساسىي ئەھكام - قائىدىدىن ئىبارەت. بۇنىڭدا <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىس ئاساس قىلىنغان ھەمدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى فەقىھلەر تۈزگەن فىقھە دەرسلىكلىرى مەنبە قىلىنغان. بۇ ئەھكاملر سۈننىي مەزھىپىنىڭ مىراس تۈزۈمى ۋە شىئە مەزھىپىنىڭ مىراس تۈزۈمىدىن ئىبارەت ئىككى سىستېمىغا بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىلمىي ئېقىملاردا ئىنچىكە پەرقلەر بولۇپ، فىقھە سىستېمىسىدىكى ئەڭ مۇكەممەل تارماق ھېسابلىنىدۇ. تارىختا بۇ ئەھكاملار ئىسلام دۆلەتلىرىدە ۋە مۇسۇلمان جامائەلىرىدە كەڭ قوللىنىلدى. ئۇنىڭ مەزمونى: (1) مىراسنى باشقۇرۇش؛ (2) ۋارىسلىقنىڭ باشلىنىش ۋاقتى؛ (3) شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق قىلىش پرىنسىپلىرى (شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن مىراسخورلارنىڭ دائىرىسى، تەرتىپى، نېسىۋىسى، مىراسنىڭ تەقسىم قىلىنىشى، ئاتا - ئانا ئورنىدا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىقلار)؛ (4) ۋەسىيە بويىچە ۋارىسلىق قىلىش پرىنسىپلىرى (مىراسنى ۋەسىيەت بويىچە تەقسىملەش ھوقۇقى، ۋەسىيەنى ئىجرا قىلغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى قاتارلىقلار)؛ (5) ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىش، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش ۋە مەھرۇم قىلىنىش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. سۈننىي مەزھىپىنىڭ مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق بىلەن ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، مەرھۇمنىڭ ساپ مال - مۈلكىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋارىسلىققا، ئۈچتىن بىر قىسمىنى ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىشقا تەتبىقلاپ، نىكاھ مۇناسىۋىتى ۋە قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغان شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن مىراسخورلارنىڭ ۋەسىيە بويىچە ۋارىسلىق قىلغۇچى سۈپىتى بىلەن مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بەلگىلىدى. شىئە مەزھىپىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىشنى ئىنكار قىلىپ، شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق قىلىشنى ئېتىراپ قىلدى. يېقىنقى زاماندىن كېيىن شەرىئەت ئىسلاھاتى ئارقىلىق نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرى بۇ ھەقتە يېڭى قانۇن ئېلان قىلغان، ئۇنىڭغا غەربتىن قوبۇل قىلىنغان ئامىللار سىڭدۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش توغرىسىدىكى ئاساسىي ئەھكاملارنىڭ تەسىرى كەڭ بولدى. <سۈننىي مەزھىپىنىڭ مىراس توغرىسىدىكى ئەھكاملىرى> ۋە <شىئە مەزھىپىنىڭ مىراس توغرىسىدىكى ئەھكاملىرى> غا قاراڭ.