Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىراس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مىراسخورلارغا قالدۇرۇلغان مال - دۇنيا، مىراس:
كى مىراس دۇنياسى بىھەد تولا،
بارى جىنىس ئەشيا خەلا ۋە مەلا.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۆلگەن كىشىدىن قالغان مال.
شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ژۇرناللار
<مىراس> - خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى پەسىللىك ژۇرنىلى بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى خەلق ئېغىز ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتى باشقۇرىدۇ، <مىراس> ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى نەشرگە تەييارلايدۇ. 1980 - يىل 1 - ئايدا قەرەلسىز نەشر قىلىنشقا باشلاپ، ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلغان. بۇ ژۇرنال 1983 - يىلى نەشر قىلىنشتىن توختاپ قېلىپ، 1991 - يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، ھازىر قەرەللىك، ئاشكارا تارقىتىلىدۇ. بۇ ژۇرنالدا خەلق داستانلىرى، خەلق چۆچەكلىرى، خەلق رىۋايەت - ئەپسانىلىرى، لاپ - لەتىپىلەر، خەلق قوشاقلىرى قاتارلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ھەممە ژانىرلىرى ئېلان قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلىدۇ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلەر ئېلان قىلىنىدۇ، قىسمەن تەرجىمە ئەسەرلەر، نەزەرىيۋى ماقالىلەر تەرجىمە قىلىنىپ بېرىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆلگەنلەردىن قالغان مال - مۈلۈك.
مىراس قالماق.
ئۆلگەنلەردىن كېيىنكىلەرگە قالغان ئىلمىي، ئەدەبىي، مەدەنىي، كەسپىي ۋە شۇ قاتارلىقلارغا ئائىت نەرسە؛ بايلىق، ھۈنەر - كەسىپ.
ئاتا كەسپى بالىغا مىراس (ماقال).
قەدىمىي ئەسەرلەرنى يىغىش، رەتلەش ئارقىلىق تارىخىي مىراسلىرىمىز يوقىلىش گىردابىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.