Uyghurئاساسىي لۇغەت
موئۇنتباتتېن
دۇنيا تارىخى
(1900 - 1979)، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە مارشالى. ئەسلى نامى باتتېنبېرگلىق لۇئىس فرانتىس ئالبېرت ۋېكتور نىخولاس بولۇپ، كورۇلىۋا ۋىكتورىيىنىڭ چەۋىسى. 1913-يىلى دېڭىز ئارمىيە مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇغان، ئوقۇ پۈتتۈرەەندىن كېيىن ئەنگلاىيە دېڭىز ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى بولغان. ئىككىنچى دۇناي ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ گېرمانىيە ئىشغالىيىتىدىكى فرانسىيە ۋە نورۋېگىيە پورتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىغا قوماندانلىق قىلغان. 1943 - 1946-يىللاردا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداش ئەللەر ئارمىيىسىنىڭ ئالىي باش قوماندانى بولغان. بىرمىدىكى ياپون ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغانلىقتىن، 1947-يىلى بىرمىنىڭ موئۇنتىباتتېن گرافى دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 1947 - 1948-يىللاردا ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيسى بولغان، 1947-يىلى <موئۇنتىباتتېن لايىھىسى> نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھىندىستاننى ھىندىستان ۋە پاكىستاندىن ئىبارەت ئىككى دومىنئونغا بۆلگەن. 1952 - 1954-يىللاردا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاtىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز فلوتىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1955 - 1954-يىللاردا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز فلوتىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1955 - 1959-يىللاردا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان. 1956 - يىلى دېڭى ئارمىيە مارشالى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1959 - 1965-يىللاردا ئەنگلىيىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە شتاب باشلىقى ۋە شتاب باشلىقلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1974-يىلى جۇڭگونى زىيارەت قىلغان. 1979-يىلى 8-ئايدا قازاغا ئۇچرىغان.