Uyghurئاساسىي لۇغەت
موپلاھ قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
1921-يىلى ھىندىستاننى مالابار دېگەن يېردىكى مۇسۇلمان دېھقانلارنىڭ ئەنەلىيىگە، فېئودالىزمغا قارشى قوزغىلىڭى. موپلاھ مابالار رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نامى. موپلاھلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەسلى ھىندىستاندىكى تۆۋەن تائىپىگە تەۋە بولۇپ، كېيىن ئىسلام دىنىغا كىرگەن. كۆپ قىسمى ياللانما دېھقان ۋە دېھقانچىلىق ئىشچىسى. 1921-يىلى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى كالىكۇتتا تۇرۇشلۇق ئەنگلاىيە قوشۇنى تىرۇرانگادى شەھىرىگە بېرىپ موپلاھلار ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىلىرىنى قولغا ئالغانلىقتىن، بۇ ەھەردىكى موپلاھلارنىڭ قوزغىلىڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كەينىدىنلا مالابارنىڭ جەنۇبىدىكى ھەممە جايغا كېڭەيگەن. قوزغىلاڭچىلار <ەخلىپە پادىشاھلىقى> قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، قوزغىلاڭچىلار ئەنگلىيە قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. كۇناخمېد رەھبەرلىكنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى دىنىي ماجىرا پەيدا قىلىش، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى پارچىلاش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، 1921-يىلنىڭ ئاخىرىدا قوزغىلاڭنى باستۇرغان.كۇناخمېد ۋە قوزغىلاڭچىلاردىن نەچچە مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلگەن، ئون مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئېغىر ئەمگەك جازاسىغا پالانغان.