Uyghurئاساسىي لۇغەت
موپاسسان
دۇنيا تارىخى
(1950 - 1893) فرانسىيىلىك تەنقىدىي رېئالىست يازغۇچىسى. ۋەيران بولغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئائىلىسى ۋە ئەل - ئاغىنلىرىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، كىچىكىدىن تارتىپلا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزغىن ھەۋەس باغلىغان. 1870-يىلى پارىژغا بېرىپ قانۇن ئۆگەنگەن. پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئەسكەرلىككە ئېلىنغان. ھەربىي سەپتىن قايتقاندىن كېيىن، ئۇزاققىچە دېڭىز ئارمىيىسى شتابى ۋە مائارىپ مىنستىرلىكىدە خىزمەتچى بولغان. فلۇبېرنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشى ئارقىسىدا، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ يېزىقچىلىق قىلغان. 1880-يىلى <دونداق> دېگەن ھېكايىسى ئېلان قىلىنىش بىلەنلا ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يازغۇچى بولۇپ قالغان. ئۇ ئۆز ھاياتىدا 350 نەچچە پارچە پوۋېست، ھېكايە ۋە ئالتە رومان يازغان. بولۇپمۇ ھېكايىسى بلەن داڭق چىقارغان. ئۇنىڭ ئىچىدە بىر مۇنچىلىرىدا پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدىكى تاجاۋۇزچىلارنىڭ ۋەھشىيلىكى، فرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چىرىكلىكى - ئىقتىدارسىزلىقى ۋە خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى تەسۋىرلەنگەن. لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئەسەرلىرىدە ئۈمىدسىزلىك ۋە تەقدىرچىلىك قاتارلىق پاسسىپ ئىدىيە ئاشكارىلانغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن يەنە <ھايات>، <چىرايلىق دوست>، <ئارشاڭ>، <مارجان> قاتارلىقلار بار.